ما شىڭرۈي قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف بىلەن كۆرۈشتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۆمەك باشلاپ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 27-مارت قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدە قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف بىلەن كۆرۈشكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي شى جىنپىڭ بىلەن پىرېزىدېنت توقايوفنىڭ ئورتاق رەھبەرلىكىدە خىتاي-قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ما شىڭرۈي سۆزىدە يەنە قازاقىستان خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم نىشانى ئىكەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، قازاقىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە دوستلۇق شەھەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك قارا نىيىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ سودا ئىشلىرىنى كونترول قىلغان. ئارقىدىن خىتايلار مەزكۇر دۆلەتلەردىكى خەلققە قىلىۋاتقان كەمسىتىش قىلمىشلىرى ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن شەپە بېرىشكە باشلىغان. قازاقىستاندىكى خىتاي كۆپ شەھەرلەردە، بولۇپمۇ خىتاي قۇرغان زاۋۇت-كارخانىلاردا يەرلىك خەلقنى كەمسىتىدىغان، ئۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ  كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، پات-پات بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قاتتىق توقۇنۇشلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر ئۆتكەن يىلى خىتايلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، قازاقىستاننىڭ مۇھىم شەھىرى بولغان ئالمۇتانىڭ ئەسلى خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقىنى، ھەربىر ئۇچۇر قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان خىتايدا بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ تور دۇنياسىدا تارقىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 804 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق