خىتاي تەيۋەن ھەققىدە ئامېرىكىغا پوپوزا قىلدى

خىتاي ئەگەر تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشكەن تەقدىردە، «جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» ھەققىدە پوپوزا قىلدى ۋە ئامېرىكىدىن تەيۋەن رەھبىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئۇلاپ ئۇچىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

سەي يىڭۋېن بۈگۈن بېلىز ۋە گۇۋاتېمالانى 10 كۈنلۈك زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تەيۋەندىن يولغا چىققان بولۇپ، سەي يىڭۋېننىڭ بېرىش يولىدا ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىن، قايتىشتا لوس ئانژېلېستىن ئۇلاپ ئۇچۇشى پىلانلانغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەي يىڭۋېن لوس ئانژېلېسقا ئۇچۇشتىن بۇرۇن كالىفورنىيەدىكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

سەي يىڭۋېننىڭ سەپىرى باشلىنىشتىن بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى خىتاي تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسى ئۇنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئىشخانا باياناتچىسى زۇ فېڭلىيەن: «سەي يىڭۋېن ئەگەر ماككارتى بىلەن كۆرۈشسە، بۇ بىر خىتاي پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە خىلاپلىق قىلغان يەنە بىر ئىغۋاگەرچىلىك بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى ۋە: «بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز» دەپ پوپوزا قىلدى.

ئەمما سەي يىڭۋېن خىتاينىڭ بېسىملىرىنىڭ تەيۋەننىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى توسىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا سابىق ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خىتاينىڭ نارازىلىقى ۋە تەھدىتىگە قارىماي تەيۋەندە رەسمىي زىيارەتتە بولغاندىمۇ، خىتاي ئوخشاشلا تەھدىت ۋە پوپوزا قىلغانىدى. ئەمما نەنسى پېلوسى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ،  25 يىلدىن بۇيان تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئايلانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 869 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق