خىتاي ئۆزەك ساھەسىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىماقتا

خىتايغا قارشى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ چەكلىنىشى خىتايغا ئېغىر زەربە بەرمەكتە.

ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر خىتايغا قارشى سەپتە تۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدە توختاتلىقى بولمايدىغان يۈكسىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە گوللاندىيە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورتىنى چەكلىگەندىن كېيىن ئېكىسپورت شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن.

ئۆكتەبىردىن دېكابىرغىچە ياپونىيەنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورتى %16، ئامېرىكىنىڭ %50، گوللاندىيەنىڭ %44 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ياپونىيە خىتايدا يوقاتقان بازىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە %26، ئامېرىكىغا %10 ئاشۇرۇش بىلەن تولۇقلىغان.

بۇ چەكلىمىلەر سەۋەبلىك 2022-يىلى خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىمپورتى %15 تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، 34 مىليارد 700 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر.

بۇ خەۋەر 966 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق