ياپونىيە خىتايدا قولغا ئېلىنغان پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ياپونىيەلىك بىر ئەرنى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا بىر مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغان بىر ياپونىيەلىك ئەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

ماۋ نىڭ جاۋابىدا خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ ئايدا بىر ياپونىيە پۇقراسىغا جىنايى ئىشلار مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى ھەمدە بۇ كىشىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە چېتىلىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماۋنىڭ يەنە خىتاي تەرەپ «ۋيېنا كونسۇل مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى» ۋە «خىتاي-ياپونىيە كونسۇل كېلىشىمى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنىڭغا ئوخشاش دېلولارنىڭ كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى، ياپونىيەنىڭ ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىغا بولغان تەربىيە ۋە ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياپونىيە بولسا دۈشەنبە كۈنى خىتاينى «جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغان» پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باياناتچىسى ياپونىيە كابىنېتىنىڭ كاتىپى خىروكازۇ ماتسونو توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بېيجىڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا 50 ياشتىن ئاشقان ياپون پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ياپونىيە دورا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە خىتاينىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بىز بۇ ياپونىيە پۇقراسىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېگەن ۋە شۇنداقلا توكيونىڭ باش كونسۇلى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان پۇقراسى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە 2015-يىلدىن باشلاپ ئاستېللاس خىزمەتچىسىنىڭ بۇ دېلوسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كەم دېگەندە 16 ياپونىيە پۇقراسىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خىتايدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق