خىتاينىڭ يەنە بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان خىتاينىڭ يەنە بەش شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېكسپورت كونترول قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بەش خىتاي شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن خىتاي شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان خەيشى دىڭشىن ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قارىقاشتىكى خەيشى ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، گۇما ناھىيەسىدىكى خەيشى يوڭئەن ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەيشى شىنەن ئېلېكتىرون تېخنىكا شىركىتى، كېرىيە ناھىيەسىدە قۇرۇلغان مېيتىيەن ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

كارخانا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تەكشۈرگۈچى ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان مەزكۇر بەش شىركەتنىڭ ھەممىسى خاڭجۇ خەيكاڭ ۋېيشى رەقەملىك تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تارماق شىركەتلىرى بولۇپ، خاڭجۇ خەيكاڭ ۋىيشى خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىلىكىدىكى شىركەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنى مەزكۇر شىركەت تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان جازالاش تىزىملىكى ھەققىدىكى باياناتتا: «مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش، كەڭ-كۆلەمدە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتىدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلدى» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1035 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق