تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا پايتەختى  كۇئالالۇمپۇردا مالايشىيا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 28-مارت مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا مالايشىيا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەتنى پارلامېنتتىكى ئىسلام پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي دوستانە سۆھبەتتە بولدى.

ھەيئەت ئىسلام پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ ئىبادەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، بەلكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئۆزگەرتكەنلىكى، بارلىق دىنىي كىتابلارنى چەكلىگەنلىكى، رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا ئىبادىتىنى پۈتۈنلەي چەكلەش قاتارلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

 

بۇ خەۋەر 1391 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2023 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق