خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 28-مارت 2023-2022-يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2023/2022-يىللىق دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى» سەرلەۋھەلىك 411 بەتلىك دوكلاتتا دۇنيادىكى 152 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان.

دوكلاتتا خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە دىنىي يېتەكچىلەرنى داۋاملىق قولغا ئالغانلىقى ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنى داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنى سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە باشقا خەلقئارالىق جىنايەتلەر خاتىرىلەنگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنى توسۇپ قالماقچى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ قوپال ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارا قائىدىنى ئاساس قىلغان سىستېمىنىڭ زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس  قىلىپ ھەممە جايدا، ھەممە يەردە قوللىنىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 951 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق