سەئۇدى ئەرەبىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قەدەم باستى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا ئومۇميۈزلۈك يېقىنلىشىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىيالوگ دۆلەتلىرى قاتارىغا قوشۇلۇشنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 29-مارت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دىيالوگ دۆلىتى قاتارىغا قوشۇلۇشنى رەسمىي قارار قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى كابىنېتى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇل ئەزىز ئالى سۇئۇد رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىيالوگ ھەمراھلىق ئورنىغا كىرىشىگە قوشۇلغان ھۆججەتنى تەستىقلىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قوشۇلۇش مەسىلىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا رىياد زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. دىيالوگ شېرىكلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشىش بۇ تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مۇساپىسىنى باشلىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم نىشانى دەپ جار سېلىنغان. بۇ تەشكىلات كېيىنچە ھىندىستان ۋە پاكىستاننى قوشۇۋالغان. ئىران بۇ تەشكىلاتنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتكە ئىمزا قويغان.

يېڭى خەلقئارا ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەدرىجىي ھالدا سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك تەشكىلاتى بولۇپ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئەزا دۆلەتلەر جايلاشقان رايونلاردا غەربنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باشتىن-ئاخىر خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1105 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2023 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق