تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى ئىكرام تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ تەلىم-تەربىيە تەشكىلاتى ئىكرامنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 30-مارت مالايشىيادىكى تەلىم تەربىيە بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلاردىن بىرى ئىكرامنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت ئىكرام تەشكىلات رەھبەرلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش رەزىل مەقسىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز تىلىدا تەربىيەلەش ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، خىتاي تىلىدا تەربىيەلەپ خىتاي قىلىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، مەخسۇس لاگېرلارنى تەسىس قىلىپ، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1194 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2023 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق