شايار ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-مارت ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 08:22 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.07 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.43 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1714 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق