فىلىپپىندە 277 خىتاي نازارەتكە ئېلىندى

فىلىپپىندە 277 خىتاي نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى تور ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانغان 277 خىتاي پۇقراسىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە فىلىپپىن كۆچمەنلەر كومىتېتى باشلىقى جايمە مورېنتەنىڭ چارشەنبە كۈنى پاسىگ شەھىرىدىكى ئورتىگاس ئىقتىسادىي رايونىدىكى تۇتۇش ھەرىكىتىدە تور ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانغان 277 خىتاي پۇقراسىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنى بۇ ھەرىكەتنىڭ مانىلادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۇقتۇرۇلغانلىقى، تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي دائىرلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، نازارەتكە ئېلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا ئالدامچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ  پاسپورتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق