ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىلىرىنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق قىلماقتا

ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى 8-ئاپرېل باشلاپ ئىراننى زىيارەت قىلغان، ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ نەچچە كۈن ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپ دۆلىتىدە ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق كۆرىدىكەن.

ئىران مېھر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 8-ئاپرېل ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ، ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە مەشھەدتە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد ۋە جىددەگە بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنى قايتا ئېچىشقا تەييارلىق قىلىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران 2016-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ئۈچ تەرەپ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت شۇ كۈندىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەتلىرىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2795 قېتىم كۆرۈلدى
12/04/2023 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق