ئۇيغۇر قارى كونيا ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى

كونيا ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «قارىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد ئاساسىدا پىششىق ئوقۇش مۇسابىقىسى» دە ئۇيغۇر قارى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

26-ئاپرېل تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە «قارىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد ئاساسىدا پىششىق ئوقۇش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە مۇستافا بۈيۈك قاپلان ئانادولۇ ئىمام-خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ قارىلىق بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نۇرىددىن جامالىدىن تەجۋىدلىك ھەمدە گۈزەل ئاۋازلىق ئوقۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، بەش مىڭ لىرا بىلەن مۇكاپاتلانغان.

مۇستافا بۈيۈك قاپلان قارىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى تۈركىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىرى بولۇپ، نۇرىددىن جامالىدىن 29 كۈندىن كېيىن يەنە بىر رايونلۇق چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

25-ئاپرېل نۇرىددىن جامالىدىننىڭ كونيا ئۆمەر جەمىلە ئىمام -خاتىپ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئاچىسى خەنسا جامالىدىن ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن قىزلارنىڭ «قۇرئان كەرىمنى چىرايلىق ئوقۇش مۇسابىقىسى» دە كونيا ۋىلايىتى بۇيىچە ئىككىنچى بولۇپ ئىككى مىڭ لىرا بىلەن مۇكاپاتلانغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3013 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2023 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق