ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كەنئانى ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد ۋە جىددەدە تۇرۇشلۇق ئۈچ دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇنىڭ ئىران دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئومۇميۈزلۈك خىزمەتنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كەنئانى شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ئۈچ دىپلوماتىيە ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ رىيادتىكى باش ئەلچىخانىسى، ئىراننىڭ جىددىدىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋاكالەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران 2016-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي-سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى ۋە 6-ئاپرېل سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ئىككى تەرەپ قوشما بايانات ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1681 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2023 22:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق