پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كىبېر پۇشتۇ ئۆلكىسىدىكى بىر مەكتەپتە 4-ماي ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ يەتتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

پاكىستان تاراتقۇلىرى شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە بۇ ئۆلكىنىڭ پاراچىنار شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە يۈز بەرگەن. سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىقلار بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدا ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن، ئىشخانىدىكى يەتتە ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1719 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2023 18:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق