خىتاي ئافغانىستاندىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىنى چوقۇم ئادا قىلىپ، خىتاي خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، چىن گاڭ ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستانغا تېزرەك پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي-ئافغانىستان-پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چىن گاڭ شەنبە كۈنى ئىسلامئابادتا ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ۋە ئافغانىستاننىڭ تاغ ۋە دەريا بىلەن تۇتىشىدىغان ئىككى دوستانە قوشنا دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەدىسىنى ئادا قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تېررورلۇق كۈچلىرى»گە زەربە بېرىشى ۋە خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسىنى چىن دىلىدىن ئورۇندىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1584 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2023 18:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق