ئىسلام ئۆلىمالىرى تۈركىيەدىكى سايلام ھەققىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

ئىسلام دۇنياسى ئۆلىمالىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 14-ماي تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك پىرىزىدېنتلىق سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا، تۈركىيە ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى نۆۋەتتىكى پىرىزدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننى قوللاشقا چاقىردى.

باياناتتا رەجەپ تاييىب ئەردوغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 20 يىلدىن بېرى تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلەر، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى، ئاياللارغا ھىجاب چەكلەنگەن قانۇننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى زۇلۇمدىن قاچقان مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھ جايى بولۇپ قالغانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي، سەھىيە، پەن-تېخنىكا، سىياسەت قاتارلىق ساھەلەردە ئالاھىدە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ، نۆۋەتتە غەربكە باش ئەگمەيۋاتقان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكى، غەرب دۇنياسىنىڭمۇ ئەردوغاننى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاپ بىلەن تاشلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە سىرتىدىكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سايلامدا ئەردوغاننىڭ غەلىبە قىلىشىغا قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ياردەم قىلىشى ۋە دۇئا قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتنى قوللاپ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلامىي تەشكىلات رەئىسلىرى ۋە مەشھۇر ئۆلىمالاردىن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئەلى قەرەداغى، ئامېرىكا دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار ھەيئىتى ئەزاسى دوكتور سەئىددىن ھۈسەيىن، يەمەن ئەلئىمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرغۇچىسى شەيخ ئابدۇلمەجىد زىندانى، پەلەستىن ئۆلىمالار ھەيئىتى رەئىسى دوكتور نەۋاف ئەتتەكەررورى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام، مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى رەئىسى مۇھەممەد ئابدۇ قاتارلىق 66 ئۆلىما ئىمزا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2335 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2023 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق