خىتاي گۇچۇڭدىن شىئەن ۋە چېڭدۇغا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدى

شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىۋاتقان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن خىتاينىڭ شىئەن، چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىشنى پىلانلىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى، ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۈتكەن.

گۇچۇڭ ناھىيە جىنخۇي پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى بويىچە ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %70 ى تاماملانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتقان. نۆۋەتتە گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى تەۋەسىدە بولۇپ، گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىغا 15.7 كىلومېتىر كېلىدىكەن. قۇرۇلۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى 714 مىليون يۈەن بولۇپ، سانجى ئوبلاستىدىكى تۇنجى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشتا يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 470 مىڭ ئادەم قېتىم، يىللىق يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1000 توننا، يىللىق ئايروپىلان ئۇچۇش-قونۇش مىقدارى 5200 ئايروپىلان قېتىم بولۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەنگەن، ئاساسلىق ئۇزۇنلۇقى 2800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان ئۇچۇش-قونۇش يولى، 5000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى، C تۈردىكى يەتتە ئايروپىلان ئورنى سۇپىسى ھەم ئالاقىدار يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار سېلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول قاتنىشىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى توشۇشقا ئاسانلىق يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1063 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2023 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق