ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئەردوغاننى قوللاشقا چاقىردى

ياۋروپا مۇسۇلمانلار مۇنبىرى 14-ماي تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق ئومۇمىي سايلىمى ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

باياناتتا نۆۋەتتە ئىسلامغا قارشى كۈچلەر ئەردوغاننىڭ قايتا سايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلار باش كۆتۈرۈشىگە قارشى ھەرىكەتتە بولۇۋاتقان كۈچلەر نۆۋەتتىكى سايلامدا ھەرخىل ھىيلە-مىكىر، ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەدبىرلەر ئارقىلىق سايلامدا ئۇتۇشنى پىلانلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

باياناتتا يەنە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايوندا ھەر ساھەدە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقى، ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش ئالدىدا تۇرغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەر تۈركىيە مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارادا ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن مۇسۇلمان دۆلەت بولۇپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «بىز ياۋروپا قىتئەسىدە ياشايدىغان 170 مىليون مۇسۇلمانغا ۋاكالىتەن، تۈركىيە پۇقراسى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى سايلامدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللاشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.

باياناتقا بېلگىيە مۇسۇلمانلار مۇنبىرى رەئىسى ئابدۇلۋاھاب نىيازوف، ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار كېڭىشىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئىقبال ساكرانى، لىتۋانىيە مۇپتىسى روماس جاقۇباسكاس، ئىتالىيە تىرىستې ئىسلام مەركىزىنىڭ ئىمامى، فىرانسىيە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلىرى ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور كارىم ئىفراك، رومىنىيە مۇفتىسى يۇسۇف مۇرات قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىمزا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1932 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2023 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق