خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇشنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرماقتا. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى خىتاي ئۆلكىلىرىگە جەمئىي 207 مىليارد كىلوۋات سائەت توكنى توشۇپ كەتكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىستراتېگىيەسىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2016-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خىتاي ئېلېكتىر تورى ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئۇلترا يۇقىرى بېسىم شۆبە شىركىتى سانجى توك ئايلاندۇرۇش پونكىتى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش-يەتكۈزۈش پونكىتى بولۇپ، ئۇ قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى شەرقىي جۇڭغارنىڭ توكىنى 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى شەرقىي خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىغا توشۇيدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن، ئەنخۇيدىن ئىبارەت ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3293 كىلومېتىر ئىكەن. 2019 -يىلى 8-ئايدا سانجى توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدا G5 تورى ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلترا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورىدىكى تۇنجى G5 ئاساسىي پونكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل 5-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، سانجى-گۇچۈەن تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن خىتايغا جەمئىي 207 مىليارد كىلوۋات سائەت توكنى توشۇپ كەتكەن. خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان مەزكۇر ئېنىرگىيە 218 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ بىر يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ