خىتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى چەكلەش سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭ تېز خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-ماي خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا تەقدىرلەش يىغىنى ئاچقان.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاتالمىش «دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئېچىلغان يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مائارىپ نازارىتى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش باشقارمىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق بەش كوللېكتىپ ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نام بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئۇندىن باشقا ئاتالمىش «شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى»دىن سەككىز كىشى ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس» دېگەن نام بىلەن مۇكاپاتلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش رەزىل مەقسىتىدە، ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى» نى يولغا قويغىنىغا 22 يىل بولغان بولۇپ، ئىلگىرى مەزكۇر قانۇننى ھەرخىل يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور كۈچ سەرپ قىلىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىمقى باھالاشقا قاتنىشىش دائىرىسىنىڭ قاپلاش كۆلىمى كەڭ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتلىرىدا، 2017-يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزاق مۇددەت مەجبۇرىي ئايرىپ، يېتىم-يېسىرلار ياكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەش ۋە بىلىم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا يەنە ئائىلە ئەزالىرى ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە خىتاي تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ ئىشلىتىش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قىممەت-قارىشىغا مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ مەزكۇر جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1364 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2023 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق