خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنى باشلاندى

18-19-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدە باشلاندى.

شىئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىرى 17-ماي ئارقا-ئارقىدىن شىئەنگە يېتىپ بارغان. خەلقئارا جەمئىيەت شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن خىتايغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ قېتىمقى خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىندا نېمىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، نېمىلەر ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى يېنىغا تارتىشقا كۈچەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق رايوندا رۇسىيەنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغاچقا ئانچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. رۇسىيە ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە بولغان ئەندىشىسى كۈچەيگەن ۋە رۇسىيەنىڭ رايوندا ئاجىزلىشىۋاتقان پەيتىنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە بەش جۇمھۇرىيەت بىلەن ھەر تۈرلۈك ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكتە ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى نوپۇزىنى كېڭەيتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2016 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2023 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق