تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا تىنچلىقنى بۇزغانلىقى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى جىددىي يېنىغا تارتىش ئۇرۇنۇشلىرىدا سەمىمىي ئەمەسلىكى، خىتاي بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەۋاتقان جىنايىتىگە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى سۈكۈت قىلدۇرماقچى بولغانلىقى قەيت قىلىندى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن سودا، ئېنېرگىيە سانائىتى شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى بويىچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ۋەدە بەرگەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ سودا پىلانىدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا نۆۋەتتە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسپات بولالايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەخلاقىي، سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1863 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2023 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق