ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار بىر كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىپ، لوندون ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالاگېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ھەيئىتى ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا ۋەكىللىرى زىيارەت داۋامىدا ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشىنى  ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى 19-ماي ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلغان. ئارقىدىن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋالېسبىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ماسلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ۋە خوڭكوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ بىلەن داۋاملىق سودا-ئالاقە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھىغا تاج كەيدۈرۈپ مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نىڭمۇ ئەنگلىيەگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2023 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق