ئونلىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى سەۋەبىدىن ۋەيران بولماقتا

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قەرز تۇزىقى پاكىستان، كېنىيە، زامبىيە، لائوس ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق ئونلىغان نامرات دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى يىمىرىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشكەن دۆلەتلەر خىتايدىن ئالغان قەرزلەرنى مائارىپ، توك، يېمەكلىك، يېقىلغۇ ۋە باشقا تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇلار قەرزنى قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، قەرزلەرنى تۆلەش ئۈچۈن باشقا خامچوتلارنى ئازايتىشقا توغرا كېلىپ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى پۈتۈنلەي خوراپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە زامبىيە ۋە سېرىلانكا قەرزىنى قايتۇرالمىغان. بۇ دۆلەتلەر قەرزنى قايتۇرالمايلا قالماستىن قەرزنىڭ ئۆسۈمىنىمۇ تۆلىيەلمىگەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى پورت، كان ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇلارنى قەرز تۇزىقىغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئارقىدىن قەرزنى تۆلىيەلمىگەن دۆلەتلەرنى مەزكۇر قۇرۇلۇشلارنى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قىستىماقتا.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاندىكى مىليونلىغان توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى توك ۋە ماشىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرىدىغان قەرزى بەك كۆپ بولغاچقا ئىشتىن بوشىتىلغان. كېنىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئالغان قەرزىنى تۆلەش مەقسىتىدە مىڭلىغان مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالغان. سېرىلانكا ھۆكۈمىتى قەرزنى قايتۇرالماي 500 مىڭ ئىش ئورنى يوقاپ كەتكەپ بولۇپ، پۇل پاخاللىقى %50 گە يەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 663 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2023 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق