خىتاي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى قارار»نى ماقۇللىدى.

ئاتالمىش «خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى» نىڭ ئورگان تورىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 17-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى تۈرلۈك قارارلارنى ماقۇللىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلغان. ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسى، جەمئىيەت ئاساسى ۋە ماددىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ توپلاش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ مەجبۇرى ئىجرا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ساق قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەر قاۋاقخانا، چايخانا دېگەندەك باشقا پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلەنگەن بولۇپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا. ھالبۇكى، خىتاي خىتايغا مايىل دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1504 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2023 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق