شى جىنپىڭنىڭ جاۋابى بەش دۆلەتنىڭ خىتاي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىدىن شەپە بەردى

شى جىنپىڭ 19-ماي «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنى»غا مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، جاۋابىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىدىن شەپە بەرگەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئىدارىسى ئورگان تورىنىڭ 20-ماي خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنى شىئەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە يېپىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قازاقىستان پىرېزىدېنتى جومارت توقايوف، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروف، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمام ئېلى راھمانوف، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايوفلار بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

شى جىنپىڭ جاۋابىدا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا بىرلىكتە ئىرادە قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي ھالدا خىتاي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن شەپە بېرىپ: «ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەتىمىزگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، بىر ـ بىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بىر خىتاي پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېگەن.

شى جىنپىڭ مۇخبىرلارغا يەنە: «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەسىپ ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان بولدۇق» دېگەن. 

ئۇ مۇخبىرلارغا: «بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ھەمدە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قەتئىي زەربە بېرىپ، بىخەتەرلىك، تور بىخەتەرلىكى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغان بولدۇق» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 753 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2023 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق