G7 گۇرۇھى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قارشى بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ئەيىبلەشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ رۇسىيەدىن ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنادىن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشقا ئىلھام بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا خىتاي ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش، جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە دىپلوماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دېموكراتىك ئورگانلارنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدە تەنقىدلەنگەن.

باياناتتا شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىلەر قايتا تەكىتلىنىپ، خىتاينى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئاساس قىلغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى قوللاشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ بايانات 2021-يىلى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاينى تىلغا ئېلىپ قاتتىق تەنقىدلىشى بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشى، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ بايانات G7 گۇرۇھى ئەزالىرى ئارىسىدا مۇرەسسە قىلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. بۇ مەسىلىدە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان G7 گۇرۇھى ئەزالىرى ئارىسىدىكى قىسمەن ئەزا دۆلەتلەر بىئارام بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بايانات ئېلان قىلىپ، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىروشىما بىرلەشمە باياناتىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە ساھىبخان ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تىنچ، مۇقىم ۋە گۈللەنگەن دۇنيا بەرپا قىلىشنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆزلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ خەلقئارا تىنچلىققا توسقۇنلۇق قىلىش، رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
22/05/2023 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق