نۇرى تۈركەل قازاقىستاندا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى قازاقىستانغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، ئالمۇتاتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جەم بولدى.

21-ماي ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۇنى «دوستلۇق سارىيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس پائالىيەت بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالغان بولۇپ، كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنى قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەشكىللىگەن.

مۇراسىمغا چەكلىك ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، جەمئىيەت ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار قاتارلىقلاردىن 50 كە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، پىشقەدەم سىياسەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كەلگەن نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا مەلۇمات بەردى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور مەنىۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ سىياسىي دەۋايىمىزغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

پائالىيەت ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قازاقىستاندا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئارقىمۇئارقا سۆزگە چىقىپ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى ۋە نۇرى تۈركەلگە ئۇتۇق تىلىدى.

ئارقىدىن قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف، مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى شەمشىدىن ئايۇپوف، ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋىلياموف، خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋالار قازاقىستاندىكى ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى، خانىم-قىزلارنىڭ ھەر خىل ساھەلەردىكى خىزمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرى، ئانا تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللار، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدا يەنە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت، ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەلىك ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باشلىقى جامالدىن ناسىروف قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى ۋە نۇرى تۈركەلگە ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

مۇراسىم ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن بولغان ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ئالمۇتادا ئۇيغۇرلار بىلەن دىدارلاشقانلىقىدىن ھاياجان ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «قازاقىستاندىن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەننىڭ پۇرىقى كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەزىپىگە قانداق تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇراسىم ئاخىرىدا نۇرى تۈركەلگە پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تونى كەيدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 955 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2023 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق