خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرىنى قورغاس ئارقىلىق خىتايغا توشۇماقتا

خىتاي رېجىمى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىقلارنى ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق مۇقىم ھالدا خىتايغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كېلىشكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلغان تەبىئىي گازنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈپ، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 2 - ۋە 3 - لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىغا يەتكۈزىدىكەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 19-ماي كۈنىگىچە ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 2-لىنىيەسى ۋە 3-لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزۈلۈپ شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا توشۇلغان تەبىئىي گاز جەمئىي 430 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى غەربتە تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىدىكەن. شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرىدىكەن.

خىتاي تۇرۇبا تورى گۇرۇھى غەربىي رايون تۇرۇبا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 2-لىنىيەسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىن تەبىئىي گاز كىرگۈزۈشتىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك تۇرۇبا يولى ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇش شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاستىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدا گۇاڭجۇ، خوڭكوڭغا، خىتاينىڭ شەرقىدە شاڭخەيگە يېتىپ بارغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، تەمىنلەش قاپلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 3-لىنىيەسى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىدە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجو شەھىرىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، يىللىق لايىھەلەنگەن گاز يەتكۈزۈش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىر، يۇقىرى ئېقىنى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ C لىنىيەسى بىلەن تۇتىشىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 700 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2023 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق