خىتاي ئامېرىكا ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرىدى

خىتاي ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىچكى ساقلاش ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ زىددىيىتى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، خىتاي يەكشەنبە كۈنى كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغۇچى شىركەتلىرىگە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچىسى Micron Technology Corp دىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى بۇيرىغان.

خىتاي تور باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مىكروننىڭ مەھسۇلاتلىرى ئېنىقلانمىغان مەھسۇلات بولۇپ، ئېغىر تور بىخەتەرلىك خەۋپى بارلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ مۇھىم ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى تىجارەتچىلىرىنىڭ Micron نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە خىتاينىڭ ئىلغار ئۆزەك ياساش ۋە قورال-ياراغ ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغان باشقا تېخنىكىلارغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئازايتقان بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىلگىرى نەچچە قېتىم تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ھەمدە ياپونىيە ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە قارىتا بارغانچە قاتتىق قوللۇق قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاپرېل ياپونىيە ۋاشىنگتوننىڭ خىتاينى جازالاش سېپىگە قوشۇلۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، بىخەتەرلىكنى باھانە قىلغان خىتاي رېجىمى دەرھال شىركەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۆزىكىنى ياساش تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشىنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 627 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2023 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق