ئىستانبۇلدا «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە مۇزاكىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

20-ماي ئىستانبۇل ئۈسكۈدار باغلارباشى مەركىزى ياۋروپا-ئاسىيا زالىدا تەتقىقاتچى، يازغۇچى تۇلاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رىژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق فىلىمنى قويۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى ئۈسكۈدار مۇپتىلىق ياشلار تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن تۇلاي گۆكچىمەن خانىمنىڭ رىژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن «ئىسمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. ئارقىدىن تۇلاي گۆكچىمەن خانىم ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى، دەلىل-ئىسپاتلىرى ۋە فىلىمدە ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيە ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ باستۇرۇش، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قاتارلىق تېررور سىياسىتىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە تۈلاي گۆكچىمەن خانىم پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەىتى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2023 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق