ئىنتېرپول خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە يول قويغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدلەندى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ئىنتېرپول خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە يول قويغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدلەندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن ئەدلىيە مىنىستىرى لىسا موناكو دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىنتېرپول قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئىنتېرپولنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى يېڭى تىپتىكى يەرشارى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى رولىنى ماختىغان.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىنتېرپولنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەتلىك مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىنتېرپولنى باشقۇرىدىغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولغا 195 دۆلەت ئەزا بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئەزا دۆلەتلەر قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تارقىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەشكىلاتنىڭ مۇستەقىل ھۆججەت كونترول قىلىش كومىتېتى بار بولۇپ، بۇ كومىتېت سىستېمىدىكى تالاش-تارتىش بولغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ۋە باشقا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئۆچۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن. كومىتېت ئەزالىرى كۆپىنچە ئادۋوكاتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىكەن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىش تىرىشچانلىقىغا قارىماي، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتېرپولنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى سىستېمىسىنى سىياسىي مەقسەتتە قالايمىقان ئىشلەتكەن دەپ ئەيىبلەنگەن.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئىنتېرپولنىڭ باشلىقى جۇرگېن سىتوك ئىنتېرپولنىڭ نۆۋەتتە كۈچلۈك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەنقىدچىلەر ئىنتېرپولنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنتېرپول سىستېمىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننىڭ 2021-يىلى ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىمۇ خىتاي بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتېرپول خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك، ئىدرىس ھەسەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2023 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق