خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23-ماي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ تەدبىرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي ئالاقە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23 خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىسىگە قارىتىلغان ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ چەكلەش دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياپونىيەگە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئەركىن سودا ۋە خەلقئارا ئىقتىساد سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە خىتاينىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئارقا-ئارقىدىن بۇنىڭغا ئالاقىدار پىكىرلەرنى سۇنغانلىقى، ھەتتا ياپونىيەدىكى بەزى ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانىلارمۇ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىققا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەنلىكى، بىراق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاي-ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپ قۇرۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زەربە بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنىپ، ياپونىيەنىڭ بۇ خىل خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ ئىككى تەرەپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنىڭ نورمال ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 645 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2023 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق