خىتاي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتمەكتە

ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ۋە فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلىشى ۋىيېتنامنىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى ئىگىدارچىلىق مەسىلىسىدە يەنىلا قاتتىق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. فىلىپپىن ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان رايوندا لەيلىمە بەلگە قويۇپ، ئېگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى قارار قىلغانىدى.  ئەمما شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەۋەبلىك بېيجىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى يېقىنقى كۈنلەردە خانوي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا ۋىيېتنام پاراخوتلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم دوقۇرۇشۇپ قالغان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي پاراخوتىنىڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتسىمۇ، ئەمما قارشى تەرەپكە ئالدىن ئۇقتۇرۇلمىغان بۇ خىل تەكشۈرۈش ئادەتتە دۈشمەنلىشىش دەپ قارىلىدىكەن.

ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فام تۇ خاڭمۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «خىتاي پاراخوتى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى. ۋىيېتنام ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەدبىر قوللاندى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋىيېتنام ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئەڭ چىڭ تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 661 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق