باي ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-ماي ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:42 دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.78 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.18 گىرادۇس) 4.3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئائىلە ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن ياكى ئادەمسىز تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇندىن باشقا، 23-ماي يەنە خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەن.

مەزكۇر يەر تەۋرەش ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:09 دا گۇما ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 37.50 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.31 گىرادۇس) 3.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2023 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق