خىتاي تۆت ئاي ئىچىدە 80 مىليارد يۈەنلىك بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى

خىتاي بۇ يىل ئالدىنقى تۆت ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئېكسپورت قىلغان بايلىقنىڭ قىممىتى 80 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 23-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئالدىنقى تۆت ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ چەتئەلگە چىقارغان مالنىڭ قىممىتى 80 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 90.1 ئاشقان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستان بىلەن يەككە سودا قىلغان دۆلەت ۋە رايون بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى 160 تىن 165 كە كېڭەيگەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 86 مىليارد 980 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 83.6 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خىتاي زاۋۇت ۋە شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ناھىيە ۋە يېزا-قىشلاقلىرىغا ئورۇنلاشقان. ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 79 مىليارد 920 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 90.3 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلەتمەيلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2023 19:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق