ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھەرىكەت دوكلاتىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەيۋەن بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى ھەرىكەت دوكلاتىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئامېرىكا بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتى 24-ماي ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە خىتاينى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن توسۇش ھەققىدە ئىككى دوكلاتنى تەستىقلىدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەستىقلىغان دوكلاتىنىڭ تەۋسىيەلىرى ئىچىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق دەپ قارالغان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىكەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر «بىز پارلامېنتقا پارتىيە ھالقىغان شەكىلدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئۇچۇر بېرەيلى. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بارلىق جىنايى قىلمىشلار ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھ جىنايەت» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەخسۇس كومىتېت تەسىتىقلىغان ئىككى دوكلات ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان كەڭ كۆلەمدە قانۇن لايىھەسى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنىنى تەييارلاشقا باشلىغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان قىسىمىدا سىياسەت تەۋسىيەلىرى، جۈملىدىن تەيۋەنگە ئۈزۈلدۈرمەي قورال-ياراغ يەتكۈزۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 413 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2023 19:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق