ئافغانىستاندىن ئۈرۈمچىگە تۇنجى بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى باشلاندى

ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئەسلىگە كەلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئارىيانا ئافغانىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ تۇنجى ھەپتىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى چارشەنبە كۈنى كابۇلدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بولۇپ، مەزكۇر لىنىيە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك 2020-يىلىنىڭ بېشىدا توختىتىلغانىكەن.

تالىباننىڭ قاتناش ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى غۇلام جىلانى ۋافا كابۇل ئايرودۇرۇمىدا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

غۇلام جىلانى ۋافا مۇخبىرغا: «بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى بىۋاسىتە كۈچەيتىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2021-يىلى 8-ئايدا تالىبان ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ئافغانىستان بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈ سەيشەنبە كۈنى تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقىي بىلەن كۆرۈشۈپ: «بېيجىڭ ئافغانىستان بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ» دېگەن.

تالىبان كان ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كابۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان مىس كېنىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2023 19:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق