قىرغىزىستان بىلەن خىتاي بىرلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشكە كېلىشتى

ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىىتىدە، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي 63 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىشقا كېلىشتى.

قىرغىزىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي «يىپەك يولىدىكى شامال» ۋە «بىشكەكتىكى مۇھەببەت» ناملىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغان. قىرغىزىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۈر خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن باشلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت، ئۇچۇر، تەنتەربىيە ۋە ياشلار سىياسىتى مىنىستىرلىقى بىلەن شەنشى تيەنخەن شېڭدىيەن كىنو چەكلىك شىركىتى «يىپەك يولى ۋە شامال» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان.

خىتاي تەرەپنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى 40 بۆلۈم قىلىپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىش بۇ يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلىنىدىكەن ۋە قىرغىزىستاندىن باشقا قازاقىستاننىڭ شەھەر-ۋىلايەتلىرىدە ۋە ئۆزبېكىستاندا سۈرەتكە ئېلىنىدىكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مەبلىغى 38 مىليون دوللار بولىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، قىرغىزىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ جۇڭيى بويۇ مەدەنىيەت ئاخبارات چەكلىك شىركىتى «بىشكەكتىكى مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش تۈرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ تۈرگە كېتىدىغان مەبلەغ 25 مىليون دوللار بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2023 19:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق