ئۇيغۇر ياش يەنە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى

قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك ئوقۇش ئاساسىدىكى «ياش دىندارلار قارىلىق مۇسابىقىسى» 23-ماي بوردۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نۇرىددىن جامالىدىن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

نۇرىددىن جامالىدىن بۇ تۈر بويىچە 6-ئىيون تۈركىيە مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ئەگەر ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ قالسا، بۇ جەھەتتە تۈركىيە بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

نۇرىددىن جامالىدىن نۆۋەتتە، كونيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان مۇستافا بۈيۈك قاپلان قارىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنى بەيلىكدۈزىگە جايلاشقان «دارۇل قۇرئان قارىلىق مەدرىسەسى» دىكى يۈسۈپ قارىھاجىمنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ تاماملاپ شاھادەتنامە ئالغان. نۇرىددىن جامالىدىن ئالدىنقى قېتىم 26-ئاپرېل كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنى تەجۋىدلىك ئوقۇش ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياش دىندارلار قارىلىق مۇسابىقىسى» دە كونيا ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1326 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2023 19:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق