خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈردى

خىتاي مەركىزى كومىتېتى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈپ، ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش» نى قاتتىق تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ 22-مايدىن 24-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، قەشقەردە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ جامەسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئاتالمىش ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەكشۈرگەن.

بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ قىرغىن قىلىشنى داۋام قىلىش سىياسىتىنى تەكىتلەپ: «يېڭى مۇساپىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل، مۇقىم، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللەت، دىن خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1452 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2023 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق