ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ يوشۇرۇنۇش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا يۇمشاق دېتال ماگناتى مىكروسوفت شىركىتى 24-ماي خىتاي قوللىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تېلېگرافتىن تارتىپ قاتناشقىچە بولغان ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىغا كەڭ-كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىكروسوفت شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە گۇئام ھەربىي بازىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە بۇ ھۇجۇملارنى رەت قىلىش قىيىنغا توختايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان تور ھۇجۇمى ۋە جاسۇسلۇق پائالىيىتى كەلگۈسىدە مەلۇم كىرىزىسقا يولۇققان پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئالاقىنى ئۈزۈشكە تېخنىكىلىق ئاساس سالىدىكەن. 

رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: گەرچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي دائىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا قوزغىغان ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تور بوشلۇقىدىكى جاسۇسلۇقتىن تارتىپ كەلگۈسىدىكى تور ھۇجۇمى ئۈچۈن يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى كىرگۈزۈپ دۈشمەنلىك قىلىش ھەرىكىتىنىڭ زامانىۋى جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈرەش ۋە تىرىشىشنىڭ مۇھىم سىمۋولىغا ئايلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئەگەر بېيجىڭ تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ قالغان تەقدىردە، خىتاي خاككېرلىرى ئالدىن قاچىلانغان يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تورى ۋە باشقا مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلالايدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 693 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2023 17:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق