خىتاي باش مىنىستىرى بىلەن رۇسىيە باش مىنىستىرى كۆرۈشتى

خىتاي باش مىنىسىتىرى لى چياڭ بېيجىڭغا زىيارەتتە كەلگەن رۇسىيە باش مىنىستىرى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى. 
خىتاي خەلق تورىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈىشچە، خىتاي باش مىنىسىتىرى لى چياڭ زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە باش مىنىستىرى مىشۇستىن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە لى چياڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە باشتىن-ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىش ساقلانغانلىقىنى، سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى؛ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، كارخانىلارنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش مىنىستىر مىشۇستىن سۆھبەتتە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئالاھىدە ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن ئىككى مىنسىتىرنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغانلىقى ۋە تەپسىلى مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 726 قېتىم كۆرۈلدى
26/05/2023 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق