خىتاينىڭ قارا قولى يۈننەندىكى چوڭ جامەگە سوزۇلدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى يۈننەننىڭ شاديەن شەھىرىدىكى چوڭ جامەنىڭ مەسچىت مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغان بولۇپ، نەتىجىدە خىتاينىڭ يولسىزلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

سىندا مەسچىت جامەئەتلىرىدىن بىرى ئىسلام دۇنياسىغا نىدا قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ 26-ماي يۈز بەرگەنلىكىنى، مۇقەددەس مەسچىتنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەيۋەتلىك جامەنىڭ سىرتقى ۋە ئىچكى كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئوقۇۋاتقان تالىپلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىلەرنى مۇراجىئەت قىلغان: «مەن يۈننەننىڭ شاديەن چوڭ جامەسىدە، بۇ جامەنىڭ قۇرۇلۇشى مۇسۇلمانلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئىقتىساد بىلەن ياسالغانىدى. نۆۋەتتە جامەنىڭ مەدرىس ياتاقلىرىدا بالىلىرىمىز قۇرئان ئوقۇماقتا ھەمدە دىنى تەلىم-تەربىيە ئالماقتا. ئېچىنىشلىق ئەھۋال شۇكى، بۇ جامە قاتتىق كىرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بەزىلەر بۇ جامە ئىچىدىكى ئايەت ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدىكى نەقىش ئايەتلەرنى ھەمدە مەسچىت تېشىدىكى ئۈچ گۈمبەز، تۆت مۇنار قاتارلىقلارنى چېقىپ، خىتاي كومپارتىيەسى رۇخسەت قىلغان خىتاي خېتى ۋە ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ۋە مۇسۇلمانلاردىن بۇ جامەنى ئۆزگەرتىلىشتىن قوغداپ قېلىشىنى ۋە شاديەندىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قانچە سىندا شاديەندىكى مۇسۇلمانلار جامەنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، جامە ھويلىسى ۋە جامە تېشىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق بىلەن خىتاي ساقچىلىرى توقۇنۇشقان. خەلق چالما-كېسەكلەر بىلەن ساقچىلارنى ئۇرغان بولۇپ، ساقچىلار توپتىن ئايرىلغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. قوراللىق ساقچىلار مەسچىت ئەتراپىنى قورشاپ، مەسچىت ئىچىگە خەلقنى كىرگۈزمىگەن بولۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ئاياللارمۇ قاتناشقان.

سىندا مۇراجىئەت قىلغان كىشى يەنە خىتاينىڭ مەزكۇر تېررورلۇق سىياسىتىگە ئاساسەن، بارلىق مەسچىتلەرنى چېقىپ خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۆزگەرتىلمىگەن پەقەت ئۈچ چوڭ جامە قالغانلىقىنى، مەزكۇر جامەنىڭ ئەنە شۇ چېقىلمىغان ئۈچ چوڭ جامەنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) 2020-يىلى 25-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» سەرلەۋھەلىك تەتقىقات دوكلاتىدا، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەخمىنەن 16 مىڭ مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى مەجبۇرلاش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر تىلى، تۇرمۇش ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا سولاپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يوقىتىۋەتكەنلىكى، چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ ئۈستىدىكى گۈمبەز ۋە ھىلال ئاي بەلگىسىنى يوقاتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قىسىم تېررور سىياسىتىنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىشقا باشلىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1136 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2023 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق