قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن قەشقەرگە كۆمۈر ئىمپورت قىلىندى

ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو تېلېۋىزىيەسى»نىڭ 23-ماي خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىن لىق كۆمۈر قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركەشتام پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈپ قەشقەرگە يول ئالغان بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن يولغا چىققان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ چيەنخەي خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى»نىڭ تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرىغا يېتىپ بارغان. بۇ قىرغىزىستان ئوش شەھىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆمۈر ئىمپورت قىلىش، سېتىۋېلىش يوللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

قىرغىزىستان ئادېربېك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى باش مۇدىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆمۈر ئىمپورت سودىسى باشلانغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇش پىلانى ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن باشلانغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى ۋە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1363 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2023 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق