ۋىيېتنام خىتاي تەكشۈرۈش پاراخوتىدىن رايوندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى

ۋىيېتنام خىتاي تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايوندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ «شياڭياڭخۇڭ 10» ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتى ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى ۋىيېتنامنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى (EEZ) غا كىرگەندىن كېيىن، ۋىيېتنام تەرەپ دەرھال خىتايدىن بۇ رايوندىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ پاراخوتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى بار دېڭىزدا نورمال پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ياكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون» غا كىرمىگەنلىكىدە چىڭ تۇرغان.

ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فام تۇ خاڭ پەيشەنبە كۈنى: «ۋىيېتنامنىڭ خىتايدىن ۋىيېتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن بىر قانچە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە بېلىقچىلىق كېمىلىرىنى ۋە شياڭياڭخۇڭ 10-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش پاراخوتىنى دەرھال چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە ۋىيېتنام قانۇنىغا ئاساسەن تەدبىر قوللىنىپ، ۋىيېتنامنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ جۈمە كۈنى خىتاينىڭ نەنشا تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سۇدا نورمال پائالىيەت قىلغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ياكى «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون»غا كىرمىگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي رېجىمى تەبىئىي بايلىقى مول جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ زېمىن تەۋەلىكى دەپ جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىيېتنامنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىمۇ بار ئىكەن.

خەلقئارا قائىدىگە ئاساسەن، پاراخوتلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىن ئۆتەلەيدىكەن ئەمما فىلىپپىن، ھىندونېزىيە ۋە ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىنى دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى، دەپ قاراپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2023 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق