تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

26-ماي تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىدە «ھۆر شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىننى IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ ئايدىن ياشلار شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىندى.

ئابدۇسالام تەكلىماكان يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرىغا سولاش، ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش» نامىدا سەۋەبسىز قامال قىلىش ۋە ئاتالمىش «ئەسەبىي كۈچلەرنى تازىلاش» نامىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىي ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1499 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2023 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق