ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خوڭكوڭدا يوقاپ كېتىشى دىققەت قوزغىدى

يېقىندا ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خوڭكوڭ تاموژنىدىن كىرگەندىن كېيىنلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ كورىيەدىن خوڭكوڭغا كىرگەندىن بۇيان يوقاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دوستلىرىغا قىلغان ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ ئايرودۇرۇمىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنسىز ھالدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەۋەتىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ راستىنلا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئەۋەتىلگەن تەقدىردە، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قىيناشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قارامايدا تۇغۇلغان بولۇپ، 10-ماي خوڭكوڭغا بېرىپ، دوستلىرىنى يوقلىماقچى بولغان. ئەمما خوڭكوڭ ئايرودۇرۇمىدا دوستىغا ئۆزىنىڭ ئايرودۇرۇمدا سوراق قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللىغاندىن كېيىنلا ئىز-دېرىكى بولمىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ۋەقەنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالقان ئاكاد (Alkan Akad) بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇۋەلىنىڭ ھازىرقى ئورنىنى دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇ قولغا ئېلىنغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئادۋوكات ۋە تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشىنى، ھەر قانداق تەرىقىدە خورلىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى، جىنايەت قىلغانلىقى ھەققىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان كونكرېت پاكىت بولمىسا، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان يەتتە يىلدىن بېرى كورىيەنىڭ سېئۇلدا ئوقۇغان ۋە بۇلتۇر تەنتەربىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2023 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق