پورتۇگالىيە خىتاي شىركەتلىرىنى G5 قۇرۇلۇشىدىن چىقىرىۋەتتى

پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان قارارىغا ئاساسەن، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى پورتۇگالىيەدىكى G5 تورى قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پورتۇگالىيە تور بىخەتەرلىكى ئالىي كېڭىشى 25-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى ياكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا (NATO)، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا (OECD) تەۋە بولمىغان دۆلەتلەر تەمىنلىگەن ئۈسكۈنىلەرنى پورتۇگالىيەنىڭ G5 تورىدا ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتلار سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە تەۋە شىركەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئېغىر خەتەر ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنى ھەمكارلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن.

خۇاۋېي شىركىتى بۇندىن ئىلگىرى پورتۇگالىيەدىكى بىر قىسىم تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، G5 تورىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، پورتۇگالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركىتى «Altice» 2019-يىلى خۇاۋېي بىلەن بىرلىكتە G5 تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما مەزكۇر شىركەت بۇ يىلنىڭ بېشىدا نوكىيانى G5 تور ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نۆۋەتتە ئەنگلىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋانىيە خۇاۋېينىڭ G5 تورىنى چەكلىگەن. ئۇندىن باشقا گېرمانىيە بۇ يىل دۆلەتنىڭ G5 تورىدا خىتاي زاپچاسلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
29/05/2023 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق